ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ بەلگىلىمىگە نارازىلىق ئىنكاسىنى قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى" دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز" دەپ بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ بىر ۋەكىلىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ، جۇڭگونىڭ ئىشلەپ چىقىرىدىغان بالونلىرىنىڭ 40% نىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەردە ئامېرىكا تەرەپ 35% باج ئالغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن خىتاينىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا كىرگۈزىدىغان بىر قىسىم ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى ۋە توخۇ گۆشى قاتارلىق گۆش يېمەكلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق چەكلىمىلەرنى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق ساراي باياناتچىسى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئادىل سودا قائىدىسىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى، ھەرگىزمۇ سودا ئۇرۇشى قوزغاشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.