ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇپ، ئۆچ ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى خىتاي يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا توخۇ مەھسۇلاتى ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقانلىقىغا ئائىت شىكايىتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاساسەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لېكىن ئامېرىكىنىڭ بەزى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتايدا ئىشلەنگەن كامىرغا 35% باج قويىدىغانلىقى، خىتاينىڭ پولات چىۋىق مەھسۇلاتىدىن باج ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتايدا ئامېرىكىغا قارشى دولقۇن پەيدا قىلىپ، تور بەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا غەزىنە چېكى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىدىغان تەلەپ - چاقىرىقلار كۈچەيگەن. خىتاي سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ بۇ قارارىنى "سودا بېكىنمىچىلىكى" دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭ "يامان ئۆلگە" يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭ "سودا قورۇقچىلىقى" ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۈشەنبە كۈنى سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەرز سۇنغان.