يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىپ، سودىدا تەڭسىزلىك يارىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى پۇلنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەكسىچە ئامېرىكىنى تىجارەتنى ئەركىن قويۇۋەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ئىلغار كومپيۇتېر، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلمايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ "ئامېرىكا ئەگەر سودىدا باراۋەرلىك دەيدىكەن، ئالدى بىلەن خىتايغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك" دېگەن ۋە ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا "سودا ئۇرۇشى" بوپقالغان تەقدىردە خىتاي زىيان تارتىدۇ، ئەمما زىياننىڭ چوڭىنى ئامېرىكا تارتىدۇ" دەپ جار سالغان.
