خىتاي ئامېرىكىنىڭ جەرىمانە قويغانلىقىنى تەنقىدلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياۋ جەن بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىكىسپورت قىلغان تۇرۇبا قاتارلىق ماللىرىغا قارىتا تۆكۈپ سېتىشقا قارشى جەرىمانە قويۇش چارىسى بۇيىچە، 10.36% دىن 15.75% غىچە ئاشۇرۇپ باج ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن، خىتاي ئىكىسپورت قىلغان تۇرۇبىلارغا قارىتا تۆكۈپ سېتىشقا قارشى جەرىمانە قويۇش چارىسى قوللىنىشنى قارار قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن بۇرۇن، مەھسۇلات سۈپىتى 99% دىن يۇقىرى بۇلۇش دېگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي ماللىرىغا قارىتا كۆپەيتىپ باج ئېلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغىنى بۇيىچە، خىتاينىڭ پولات مەھسۇلاتلىرىغىمۇ تۆكۈپ سېتىشقا قارشى جەرىمانە قويۇش چارىسىنى قوللانغان ئىدى.

گەرچە خىتاي بۇ قېتىم، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قارىتا جەرىمانە قويۇش چارىسىنى قوللانغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاي ماللىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەن مۆلچەلىدى، دەپ نارازى بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلمىدى.