خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدىكى قانۇن ماددىسىغا نارازى بولدى

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان «2013 - يىللىق خامچوت يىلىدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن ماددىسى»غا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.23


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21 - دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر قانۇن ماددىسىدا 2013 - يىلى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ھەم « ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى» نى سەنكاكو ئارىلىغىمۇ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بار ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى داۋاملىق ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنباۋ يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىشتا بولۇۋاتقان سەنكاكو ئارىلى مەسلىسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئاراللارنىڭ ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى» نىڭ ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سەنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسىگە ئامېرىكا ئارىلاشسا، بۇ رايوننىڭ مەسىلىسى ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەل قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ، رەسمىي خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.