فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، "ئاتالمىش بۇ كومىتېت داۋاملىق پاكىتنى بۇرمىلاپ، دۆلىتىمىزگە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە باھا بېرىپ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىز ۋە ئالاقىدار تۈزۈلمىلىرىمىزنى ئەيىبلەيدۇ. بىز بۇ كومىتېتنىڭ بۇ خىل قالايمىقان دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشنى توختىتىشىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز" دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى 10 - ئۆكتەبىر كۈنى 2010 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
بۇ دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا 100 مىڭ نوپۇس يۆتكەش پىلانى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قېلىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 9 كېڭەش پالاتا ئەزاسى، 9 ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە 5 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ كومىتېت 2001 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.