خىتاي ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا رەسمىي تۈردە بارلىق ئاممىۋى سورۇنلار، مەسىلەن رېستوران، مېھمانخانا، پويىز ئىستانسىسى ۋە باشقا ھەر خىل ئاممىۋى ئورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر يىلى بىر مىليون ئادەم، تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىتاي بۇ قانۇننى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ئىشلىرىنى باشلىمىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن پۇقرالار تېخى بۇنداق قانۇننىڭ چىقىرىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان.

ئۆتكەن يىلىلا بىر قىسىم جايلاردا جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا چەكمەسلىك تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئەمەلىيلەشمىگەن ئىدى.

ئاممىۋى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش ۋە نارازىلىقلارنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ھەتتا كىچىك بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار، ياشانغانلار كوپ جايلاردىمۇ تاماكا چېكىش، باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە مۇھىت پاكىزلىقى بىلەن ھېسابلاشماسلىق جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا ئىدى.