دائىرىلەر مەزكۇر تۈزۈمنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىناق نۇقتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بايىنغولىن قىلىپ تاللانغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، بۇ بايىنغولىننىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ نېفىت-تەبىئىي گاز بازىسى بولۇشى ۋە شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ بۇ رايونغا يۆتكىلىشى بىر قەدەر تېز بولۇۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن رايوندىكى خىتاي ئاققۇنلارغا بېرىلىدىغان ھازىرقى ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سەيشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرىپ، دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى بۇ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلەيدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئاققۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈپ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى.
خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە تۈزۈمى يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاققۇنلارغا قۇلايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ تۈزۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا تېخىمۇ يەكلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
سەيشەنبە كۈنى يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا «دائىمىي تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاقما نوپۇسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىدىغان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھوقۇقىغا يەرلىك بىلەن ئوخشاش كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن.