رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋە فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاقسۇدا 20 دانە پارتلاتقۇچ بومبا بايقالغانلىقىنى، تېررورچىلار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇنلا شىنجاڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى بۈگۈن، سېيت ھامۇت ئوبۇل قاتارلىق 6 نەپەر تېررورچى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاقسۇدا ئۈچ جايدا قۇرغان بازىسىنى پاچاقلاپ، تېررورلۇق پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان بومبىلىرىنى ۋە باشقا پارتلاتقۇچ ياسايدىغان سايمانلىرىنى ئولجا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئاقسۇدا 'تېررورچى گۇرۇھ' دەپ ئاتالغان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سېيت ھامۇت ئوبۇل قااتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىكەن، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچۇرنى بۈگۈن 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان.