خىتاي ئاسارە - ئەتىقىسىنى كىشىلىك ھوقۇق بەدىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشنى رەت قىلدى

23 - فېۋرال كۈنى پارىژ سوتى، كىرىستىيس كىم ئاشتى قىلىپ سېتىش شىركىتىگە، چىڭ سۇلالىسى تارىخىي بۇيۇملىرىغا تەۋە ئىككى دانە مىستىن ياسالغان ئاسارە - ئەتىقىنى چارشەنبە كۈنى يەنى 25 - فېۋرال كۈنى پارىژدا كىم ئاشتى بازىرىغا قويۇش ئىجازىتى بەردى.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ پارىژ سوتىغا ئەرز سۇنۇپ بۇ ئىككى دانە ئاسارە ئەتىقىسىنىڭ 19 - ئەسىردە خىتايدىن بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ كىم ئاشتى بازىرىدا سېتىلىشنى توسۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

كىم ئاشتى بازىرىغا قويۇلماقچى بولغان بۇ ئىككى دانە ئاسار ئەتىقە 1860 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يۈەنمىڭ باغچىسىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بۇيۇملاردىن بولۇپ، كېيىن فرانسىيىلىك داڭلىق كىيىم لايىھىلىگۈچى سېنت لورانت ھايات چېغىدا ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ ساقلىغان بۇيۇملار ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ ئىككى دانە ئاسار - ئەتىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېنت لورانت كىم ئاشتى بازىرىغا قويۇلماقچى بولغان بۇيۇملىرى فرانسىيىلىك ئاسار ئەتىقىلەر سودىگىرى بولغان پېرى بېرگىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ ئۇ " مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ئىككى ئاسار - ئەتىقىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە رازى، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە تەلەپ قىلىدىغىنىم پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىگە كىشىلىك ھوقۇق بېرىشى كېرەك، تىبەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى بېرىشى ھەمدە دالاي لامانى قارشى ئېلىشى كېرەك " دېگەن.

بۇ ئاسار - ئەتىقە ماجىراسى نۆۋەتتە مەتبۇئات ساھەسىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۈگۈن، خىتاينىڭ مەزكۇر تەكلىپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتاي خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش شۇنداقلا بۇ بىر ئەخمىقانىلىك،" دېگەن.

كىرىستىيس كىم ئاشتى بازىرى مەسئۇللىرى، خىتاينىڭ بۇ ئاسارە ئەتىقىلەرنى سېتىشقا قارشى تۇرۇش ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغانلىقى ئەمما بۇنى توسۇشقا ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى، بۇ بۇيۇملارنىڭ پەقەت بىر شەخسى يىغىپ ساقلىغۇچنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرى نامىدا بازارغا قۇيۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.