بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېستىۋالدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ليۇفېڭ قاتارلىق باشقا ئىككى خىتاي رېژىسسور بۇ فىلىم فېستىۋالىنىڭ سىياسىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، كىنو فىلىمنىڭ پەقەتلا بىر سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم فېسىتىۋالى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور Jeff Danail نىڭ راىبيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەپ ئىشلەنگەن مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلغاندىن بېرى، خىتاي دائىرىلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرىگە بۇ فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇندىن بۇرۇنمۇ 3 فىلىمنى فېسىتىۋالدىن چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.