خەۋەردە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 69 خىل كان مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ زاپىسى بايقالغانلىقى، بۇنىڭ دۆلەت بويىچە، كان مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ 40%نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر شىركەت ئاتۇشنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن پايدىلىنىش ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پولات مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەمئىي 7 مىليارد 500 مىليون يۇئەن مەبلەغ ئايرىغان. ئەگەر قۇرۇلۇش تاماملانسا، يىلىغا بىر مىليون توننا يۇقىرى سۈپەتلىك پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلماقچى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىدۇر.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىققا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە كارخانىچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىشتا ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلەشكە ۋە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرماقتا.