بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى خىتاي ھەربىي پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى گېنېرال لوس يۈەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ھىندىستان ۋە ياپونىيىنىڭ 2014-يىلىغا قەدەر ئۆز ئالدىغا ئۈچتىن ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: شۇڭا خىتاي ئاۋىئاماتكىلىرىنىڭ سانىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۈچتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز دۆلەت مەنپەئىتىمىزنى قوغدىيالايمىز، دېگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇكرائىنادىن سېتىۋالغان كونا تىپتىكى رۇسىيە ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆزگەرتىپ ياساۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ پەقەت «تەتقىقات ۋە سىناق ئۈچۈن» ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇ بەزى دۆلەتلەردە گۇمان قوزغىغان.
