مېلبورن سەنئەت فېستىۋالىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيىتىشىچە، خىتايلار بۇ سەنئەت تور بېتىنى: "بىز كىنونى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما رابىيە قادىرنى ياخشى كۆرمەيمىز، ئۇ بولسا بىر تېررورچى"، " سىلەر دەرھال جۇڭگولۇقلاردىن ئەپۇ سوراڭلار" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قاپلىۋەتكەن.
سەنئەت فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋىۋىيا خېكمەن خانىم خىتاي خاككىرلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى، بۇر تورنىڭ ئىسىم جەھەتتىن مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن بەلكىم مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن ۋە خىتاي خاككىرلار بۇندىن بۇرۇن مېلبورن فىلىم فېسىتۋالىنىڭ تور بېتىگىمۇ ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ كىنو سەنئىتىگە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇپ بېسىم ئىشلىتىشى خەلقئارادا ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ قىلغان بېسىملىرىنىڭ ئەكسچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى ناملىق بۇ ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ بېلىتى تولۇق سېتىلىپ بولغان بولۇپ، يېقىندا يېڭى زېللاندىيىمۇ بۇ فىلىمنى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.