ئالدىنقى كۈنى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفېن سىمىس، رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي تەرەپنىڭ خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب يوللىغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىكىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا سەزگۈر مەسىلىلەردە، قارشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى ۋە ئاۋسترالىيە شىركىتى خادىملىرىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر تۈپەيلى يىرىكلەشكەن ئىدى.