خىتاي، ئاۋسترالىيىدە رابىيە خانىمنى توسالمىدى

ئاۋسترالىيىدە 10 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن يەنى 11 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى پايتەخت كانبېررادىكى دۆلەتلىك ئاخبارات زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ كانبېررادىكى پائالىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن بىر ئايدىن بېرى بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ باققان ئىدى. خىتاي دەسلەپتە ئاۋسترالىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرىتىپ رابىيە خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋسترالىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مىلبورن كىنو فىستىۋالىغا تەلەپ سۇنۇپ، رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى فىستىۋالدىن چىقىرىۋېتىشنى ۋە رابىيە خانىمنى فىستىۋالغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Stephen Smith، خىتاينىڭ نارازىلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، دىپلوماتلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ، ئاۋسترالىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققى بارلىقىنى، ئەمما بۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەندە ئەدەپ ۋە نازاكەت چېگرىسىدىن چىقماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۈگۈن يەنە ئاخبارات كۇلۇبىنىڭ باشلىقى Maurice Reilly خىتاينىڭ رابىيە خانىمنىڭ ئاخبارات كۇلۇبىدا سۆزلىمەسلىكىنى ئاشكارا تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، ئەمما ئېنىق ھالدا شۇ خىل سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە خانىم بۈگۈن ئاخبارات كۇلۇبىدىكى سۆزىدە ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا پەرۋا قىلمىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.