يېقىندا خىتاينىڭ بىر شىركىتى ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېللىس شتاتىدىن زور كۆلەملىك يەر ئاستى كۆمۈر زاپاس مىقدارى مول تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئەندىشە قوزغىغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى توسۇش چاقىرىقىغا پارلامېنتتىكى بىر قىسىم لىبېراللار، يېشىللار، مۇستەقىللەر ۋە كونسېرۋاتىپلار ئاۋاز قوشقان.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شېنخۇا گۇرۇھى يېڭى جەنۇبىي ۋېللىس شتاتىدىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغان. خەۋەرلەردە شېنخۇا گۇرۇھى سېتىۋالغان مەزكۇر تېرىلغۇ يەر قاتلىمىدا 30 يىلغا يېتىدىغان كۆمۈر زاپىسى بارلىقى، خىتاي شىركىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى بۇزۇپ، كۆمۈر قېزىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاۋسترالىيە كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى بارنابىي جويس ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. ئەگەر بۇ تېرىلغۇ يەر بۇزۇلسا، ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاۋسترالىيە خىتاي شىركەتلىرى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. لېكىن خىتاينىڭ مەبلىغى ئاساسلىقى ئاۋسترالىيە يەر ئاستى كان بايلىقىغا سېلىنغان» دېدى.