شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ باغچىسىغا چىقىپ ئويناشقا ئالدىراپ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئالدىدا كېتىپ بارغان 8 ياشلىق بىر قىز ئوقۇغۇچى ئاياق ئىشنۇرىنى ئەتمەكچى بولۇپ ئېڭىشكەن، ئارقىدىن كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى توختىتالماي بىر -بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ، 41 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان "پاتىپاراقچىلىق ۋەقەسى"گە سەۋەب بولغان.
بۇ خەۋەر تۈنۈگۈن يەرلىكتىكى ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەگە 5 - قەۋەتلىك بىنانىڭ رىشاتكىسىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار قىستىلىشىپ بىنادىن چۈشۈۋاتقاندا پەلەمپەي رىشاتكىسى سۇنۇپ كەتكەنلىكى، 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ۋەقە ئاقسۇ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەگە دائىر خەۋەرلەرنى كونترول قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇئاۋىن رەئىس دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنى مەخسۇس مۇشۇ ۋەقە ئۈچۈن ئاقسۇغا يوللىغان. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "پاتپاراقچىلىققا" ئاياق ئىشنۇرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن مەلۇماتى بىلەن، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىكى ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە دائىر چۈشەندۈرۈشى ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ھۆكۈمەت ۋەقەنى بىنانىڭ سۈپىتىدىكى مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن يىراق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە.