خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئورگان مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئۇچۇردا مەزكۇر ئورگاننىڭ " مەتبۇئات كەسپىدىكى ناچار خائىشلارنى خاتىرىلەيدىغان ئۇچۇر ئامبىرى تۇرغۇزىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
ئورگان مەجمۇئەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاخبارات قائىدىسى ۋە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان مۇخبىرلارنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسى تارتىۋېلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دۇڭدۇڭ "بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ شۇنداقلا بۇ كىشىلەر خەۋەر بېرىش ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىدىن مەنئى قىلىنىدۇ" دېگەن. لى دۇڭدۇڭ قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇش "يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش " ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قارا تىزىملىك خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىتىلغان بىر قاتار چەكلىمىلەرنىڭ بىر قىسىمى، ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئانالىزچىلار، بۇ بەلگىلىمە خىتاي جەمئىيىتىدىكى نازۇك سىياسى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلغان مۇخبىرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن بۇ بەلگىلىمە خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەدبىقلانمايدىغان بولۇپ، بۇ، خىتاي دۆلەت تەۋەلىگىدىكى ئاخبارات خادىملىرىنى نىشان قىلىدىكەن.
خىتاي قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇشنى ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئاخبارات خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.