خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەيۋەن زېمىنىغا قەدەم باستى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللىرىغا مەسئۇل تارماقلارغا چېتىلىدىغان خىتاي ئازدلىق ئارمىيە ناخشىچىلىرى تەيۋەن زېمىنىغا قەدەم باستى.

بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندىن كېيىن، تەيۋەنگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان خىتاي ئازدلىق ئارمىيە ئىككنچى توپچى قىسىملىرىنىڭ ناخشىچىسى چېن سىسى ئالدى بىلەن 'تەيۋەن بوغۇزىدا مەدەنىيەت - سەنئەت ئالماشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن' دەپ سىياسەت سۆزلەپ ئاندىن ناخشسىنى باشلىدى. ئۇ شەنبە كۈنى تەيبېي شەھىرىدىكى سۈن جۇڭسەن خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت كېچىلىكىدە ئويۇن قويىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما يىنجيۇ ئۆتكەن يىلى تەيۋەنگە پرېزىدېنت بولۇشتىن بۇرۇن، 1949‏ - يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۆز ئىشىنى ئۆزى بىجىرىۋاتقان تەيۋەندە بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى ھازىر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى دەپ جاكارلاپ چەكلەپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭمۇ، تەيۋەننىڭ خالىغان يېرىگە بېرىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەننىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا خىلمۇ - خىل چەكلىمە قويۇۋاتسىمۇ.