خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈنۈگۈن شۋېتسىيە سوتى بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق دېلوسى ھەققىدە ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بابۇر مەخسۇتنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. باياناتچى سۆزىدە، شۋېتسىيە سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز ھەم يامان غەرەزلىك دەپ ئەيىبلىگەن.

شۋېتسىيە سوتى بابۇر مەخسۇتنىڭ، خىتاينىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغانلىقى ۋە بۇنى شۋېتسىيىدىكى خىتاي كونسۇلى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ بابۇر ھەققىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرغان.

دىلشات رىشىت، بابۇر مەخسۇتقا خىتاي كونسۇلنىڭ نېمىلەرنى بۇيرۇغانلىقى ۋە بابۇرنىڭ خىتايغا ئۇچۇرلارنى قانداق يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە سوت ھۆكۈمنامىسىدە تەپسىلىي پاكىتلار بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: " خىتاينىڭ ھۆكۈمنى رەت قىلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. دېمەك خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەردە سوت تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ."