خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ نارەسىدە ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى

يەكەن ناھىيىسىدە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر نەچچە نەپەر نارەسىدە ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، رادىئومىزمۇ بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ۋە ۋەقەنىڭ راستلىقنى دەلىللىگەن ئىدى.

يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋەرسىزلىك ئىدارىسى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چىقارغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 9 ‏ - كۈنى بىر ئۇيغۇر ئايال يەكەن ناھىيىلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 9 ياشلىق قىزنىڭ شۇ مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى مەزكۇر ساقچى ئىدارىسىغا تاپشۇرغان.

جىنايەت گۇماندارى جۇ فامىلىلىك خىتاي 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قولغا ئېلىنغان.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى يەكەن ناھىيىلىك ساقچىخانا سولاقخانىسىدا سولاقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى باسقۇنچىلىق قىلغان ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچلار بىر نەچچە نەپەرگە يېتىدىغان بولۇپ، ھالبۇكى خىتاي قانۇن تارماقلىرى بۇ دېلونى بىر ئايدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلمىغان ۋە جىنايەتچىگە تېگىشلىك جازا قوللانمىغان. بىز بۇھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىمىز.