خىتاي باياناتچىسى ئىچكى موڭغۇلدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ 31-ماي سەيشەنبە كۈنى، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.

جىياڭ يۈ ئۆز باياناتىدا، خىتاي «ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا، يەرلىكنى ئاساس قىلغان ھەرقايسى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئەمما ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلغانلارنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كېرىئېد كۇۋاسگالد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىلىنغول ئايمىقىدا 23-ماي كۈنى باشلانغان نارازىلىق نامايىشى ھازىر ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوت شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇلدا جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن، شۇنداقلا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن.

29-30-31-ماي كۈنلىرى ئامېرىكا، تاشقى موڭغۇلىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى موڭغۇللارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان نامايىشىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھەم گوللاندىيىدىكى موڭغۇللار نامايىشىغا شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

موڭغۇللارنىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ قارالغان بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشى، 11-ماي كۈنى شىلىنغول يايلىقىدىكى خىتاي كۆمۈركان شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ، شىركەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يايلاقتا كۆمۈر توشۇپ، موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئۇجۇمچىن قەبىلىسىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ يېتەكچىسى مەرگەننى قەستەن ئاپتوموبىلغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنى، شىلىنغول دائىرىلىرىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قوزغالغان ئىدى.