خىتاي باياناتچىسى بۈگۈن قەشقەر توغرىسىدا سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ قەشقەر ھەققىدە سورالغان سوئالىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان.

رادىئومىز خەۋەر تاپقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىرلار باياناتچى جاڭيۈدىن، «قەشقەردە شىددەتلىك ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پاكىستان بىلەن تۈزگەن ھەربىي كېلىشىمنىڭ مەزمۇنلىرى نېمە؟» دەپ سورىغان.

خىتاي باياناتچىسى، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك دوستلۇق كېلىشىمى بار، ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى قانات يېيىۋاتىدۇ، دەپ مۇخبىرلار سورىغان سوئالدىن چەتنەشكە تېرىشقان.

مۇخبىرلار خىتاي باياناتچىسىنى سورىغان سوئالنىڭ ئۆزىگە جاۋاب بېرىشكە قىستىغاندا، ئۇ ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا، «خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قەشقەر توغرىسىدا قانداق ھەربىي كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، سەن ھەربىيلەردىن سورا.» دەپ قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان.