خىتاي ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي شىركەت قۇرغان ئەڭ چوڭ باينىڭ جىنايىتىنى تەكشۈرمەكتە

بۈگۈن خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 'گوۋېي' شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇاڭ گۇاڭيۈنىڭ 42 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك سەرمايىسى ۋە مۈلكى، 300 دىن ئارتۇق شەھەردە 1300 دىن ئارتۇق دۇكىنى بار. ئۇ 30 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باي دەپ ئاتىلىۋاتقان خۇاڭ گۇاڭيۈ 10 كۈن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى 'جىنايىتى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ'، 'جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى تېخى بېكىتىلمىدى' دەپ جاكارلىغان. ھازىر خىتايدىكى گېزىتلەردە، خۇاڭ گۇاڭيۈ ھەققىدە 'بازارنى كونترول قىلىۋالغان'، 'ئەمەلدارلارغا پارا بەرگەن'، 'بانكىلاردىن ئالغان قەرز مۇئامىلىسى گۇمانلىق' دېگەندەك گەپلەر چىقىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى شا يېلياڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ 'خۇاڭ گۇاڭيۈدىن قانداق ئېغىر مەسىلە تېپىلىشى ياكى ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن جازاغا مەھكۇم قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق چۈشەندۈرمەكتە. كوممۇنىست پارتىيە بايلارنى بۇلاش ئارقىلىق ھاكىمىيەت تىكلىگەن پارتىيە. كوممۇنىست پارتىيە ھازىرمۇ بايلىق يارىتىشنى ئەمەس، بەلكى بايلىقلارنى بۇلاپ ئۇنى قانداق تەقسىم قىلىشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق ھاكىمىيەتتىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا مەسىلە چىققان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە، ھۆكۈمەت بايلاردىن 'جىنايەت' ئىزدەش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلماقچى بولسا، ھەممە باينى ئوخشاش تەكشۈرسۇن، خۇاڭ گۇاڭيۈدىن تېپىلغان مەسىلە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشى كېرەك' دېگەن.