بۇ كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ھەم خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، خوڭكوڭ ھەم ماكوۋدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇردى.
1997-يىلى خوڭكوڭ، 1999-يىلى ماكوۋ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «خوڭكوڭ ۋە ماكوۋدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم يۈرگۈزۈلىدۇ» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە كۆپ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن. نامايىشچىلار ئۆز شوئارلىرىدا خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ بوغۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، ليۇ شاۋبو قاتارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار يەنە يېقىندا خوڭكوڭدىكى مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» گىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن.