ئامېرىكىنىڭ ئوكلوخوما شتاتىدىكى ئوتتۇرا ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتىتى غەربىي تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى لى شاۋبىڭ، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمە دائىرىلەرنىڭ مەسىلىنى ۋەقە يۈز بەرگەندە باستۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغۇز تەلىم تەربىيەنى ئاساس قىلىپلا قالماي، "ئاز سانلىقلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئىجتىمائىي پەرقلەرنى ياخشى خائىش، دەپ تونۇشى"نى تەلەپ قىلدى.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى 2006 - يىلى چىقارغان بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىسە خىتايدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا بالغانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن دۆلەت مارشى ئېيتىشنى شەرت قىلىپ قوشمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا چىقارغان بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىسىدە بولسا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ھەر كۈنى ئۆتكۈزۈش، مۇراسىمدا دۆلەت مارشى ئېيتىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئاشۇرۇپ يولغا قويغان.
بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" پارتىلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا زور كۆلەملىك مىللى توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن يولغا قويۇلدى.
مۇتەخەسسىسلەر، بۇ تەدبىر ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىدە مىللى ئاڭ تۇيغۇنىڭ كۈچىيىشىنى چەكلەشنى مەقسەېد قىلغان، دەپ قاراشماقتا.