خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت تارتىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى

خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھەيۋەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەت تارتىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مۇراسىمدا زور كۆلەملىك ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى نامايەن قىلىندى شۇنداقلا ئاۋام خەلقنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك پارات مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-10-01
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز چىڭىتىپ، ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغان ياكى بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. مۇراسىم كۈنى ساقچىلار تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن يولىنىڭ بارلىق ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، بېيجىڭ خەلقىدىن تالاغا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، " ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى چەكسىز ئىپتىخارغا چۆمدۈردى. ھەممەيلەننىڭ جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىلدۇر،" دېگەن.

لېكىن بۇ مۇراسىم 5‏ - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 5 ‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە ئېغىر ئۆلۈم - يېتىم يۈز بەرگەن.

پەيشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا زور كۆلەملىك ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ قورال - ياراق ۋە ئۇرۇش قىلىش كۈچى كۆز - كۆز قىلىندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت