خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز چىڭىتىپ، ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغان ياكى بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. مۇراسىم كۈنى ساقچىلار تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن يولىنىڭ بارلىق ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، بېيجىڭ خەلقىدىن تالاغا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، " ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى چەكسىز ئىپتىخارغا چۆمدۈردى. ھەممەيلەننىڭ جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىلدۇر،" دېگەن.
لېكىن بۇ مۇراسىم 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە ئېغىر ئۆلۈم - يېتىم يۈز بەرگەن.
پەيشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا زور كۆلەملىك ھەربىي پاراد ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ قورال - ياراق ۋە ئۇرۇش قىلىش كۈچى كۆز - كۆز قىلىندى.