قورغاس ناھىيىسىدە يەنە بىر خىتاي بازىرى ئېچىلماقچى

خىتاي دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ بېشىدا قورغاس ناھىيىسىدە جېجاڭلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان يەنە بىر خەلقئارا چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار قورغاستا قۇرۇلۇۋاتقان بۇ بازار سەۋەبلىك، بۇلتۇردىن بۇيان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىۋۇ بازىرى دەپ نام بېرىلگەن بۇ بازار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق چوڭ بازاردا 10 مىڭغا يېقىن دۇكان سېلىش پىلانلانغان.155مو دائىرە ئاجرىتىلغان بۇ بازارغا جېجاڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىدىكى توپ تارقىتىش شىركىتى 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2010-يىلى ئېچىلغان شىنجاڭغا ياردەم خىزمەت يىغىنىدىن بۇيان، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كېلىپ، «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى» نامىدا، رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلەشنى تېزلەشتۈرگەن. بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئىگىلىشى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە ئۆي-ماكانى ھەم يېرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى رايوندىكى يەنە بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا.