خىتاي ب د ت نىڭ دارفور ۋەقەسىگە دائىر دوكلاتىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي، سۇداننىڭ دارفور رايونىدا يەرلىك خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقتا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوق - دورىلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا. مەزكۇر دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

دوكلاتتا، دارفوردا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق باستۇرۇشتا 12 خىل ئوخشىمايدىغان ماركىلىق خىتاي ئوق - دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇ ئوق - دورىلارنىڭ دارفوردا 300 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجلىسىگە سۇنۇلغاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. ئەمما، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى جاۋ باۋگاڭ كومىتېت يىغىنىدا بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ" دېگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكى مەزكۇر دوكلاتنىڭ دارفوردا ئەينى ۋاقىتتا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن ئورۇنلاردىن ئېلىنغان ئوق - دورا ئەۋرىشكىلىرىگە ئاساسەن تەييارلانغانلىقىنى، يەنى بۇلارنىڭ خىتايغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىسى. سۇدان بولسا خىتاينى ئاساسلىق نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاينىڭ دىكتاتور سۇدان ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى، بۇ ھۆكۈمەتكە ئىمبارگو قويغان غەرب ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.