بۇنىڭ ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى مارگارىتا ئەسكىراتى خانىم، خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ خۇجيا، ياڭ چۈنلىن، لى گوخۇڭ قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، تىبەت پائالىيەتچىلىرى ئۇستىدىن قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە BDT نىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي ئۆزىنى بىر قانۇنلۇق دۆلەت، پۇقرالار ھەق - ھوقۇقتا باراۋەر، ھېچقانداق قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى مەۋجۇت ئەمەس دەپ كۆرسىتىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەنقىدلىرىگە قارىتا قاتتىق ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى مارگارېتتا خانىمنىڭ خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەن.
خىتاي كىشىلىك ھوقوق قوغداش تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلاتىدىن باشقا، خىتايدىكى تەن جازاسى، دىنىي ئېتىقاد، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتتىكى دوكلاتلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەنقىدلەرگە تۇتقان ئىنكاسى ئوخشاشلا ئىنكار قىلىش، تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ خىتايغا كىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، دۇنيانى، ئۆزىنى ۋە خەلقنى ئالداش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىش بولماقتا.
خەۋەردە مەركىزى نيۇيوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خادىمى ليۇ چىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە " خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنكار قىلىش، ئالداش سىياسىتى ئەمدى ئاقمايدۇ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۆزىنى ئالدايدۇ، ئاخىرقى نەتىجە خەلق خىتاي كومپارتىيىسىدىن ھېساب ئېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ".