بۇ تەكلىپ پىكىرلەر ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى، ئۆلۈم جازاسىنى قىسقارتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت قەرەللىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ماقۇللىغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى يۇقىرىقى تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن خىتاي دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 70 نەچچە تۈرلۈك تەكلىپ پىكىرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. بۇ تەكلىپ پىكىرلەر كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، خىتايدا "ئاخبارات چەكلىمىسى يوق " لۈقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھېچقاچان تەن جازاسى بېرىشكە يول قويۇپ باقمىغان " لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەسئۇلى رىۋېرو، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى ۋە رەت قىلىشىنى " غەۋغاپەرەسلىك" بىلەن ئەيىبلىگەن.