خىتاي بېلىقچىسى جەنۇبىي كورىيىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

16-ئۆكتەبىر جەنۇبىي كورىيە تەۋەسىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇۋاتقان بىر خىتاي بېلىقچىسى جەنۇبىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىغا پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

جەنۇبىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى بۇ خىتاي بېلىقىنى توسۇپ قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئۇ قولغا پىچاق ئېلىپ كورىيە ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ جەرياندا يەنە بىر دېڭىز قوغدىغۇچى خىتاي بېلىقچىغا رېزىنكە ئوق ئېتىپ ئۇنى قورقۇتماقچى بولغان.

ھالبۇكى، ئوق يېقىن ئارىلىقتىن ئېتىلغاچقا خىتاي بېلىقچىنى ئەجەللىك زەخىملەندۈرگەن. بېلىقچى كورىيىنىڭ موكپو شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە كورىيە دائىرىلىرىگە ئېتىرازنامە تاپشۇرغان.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا دېڭىز مەھسۇلاتىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانىسىز بېلىق تۇتىدىغان خىتاي بېلىقچىلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن.

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى بۇ يىل ئاپرېلدا بىر نەپەر دېڭىز قوغدىغۇچىسىغا پىچاق تىققان خىتاي بېلىقچىغا 30 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.