خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىددىي ھادىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى قۇرۇشنى جاكارلىدى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا تورى بۈگۈن، ھازىر ئىجتىمائىي زىددىيەت كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلاپلا قالماي، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىي ھادىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلغان.

بۇ بەلگىلىمىدە، ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ئۇشتۇمتۇت ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەخپىي ئۇچۇر توپلاش ۋە ئاشكارا ئۇچۇر ئېلان قىلىدىغان باياناتچى قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەرگىمۇ رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئىنتېرنېت، يانفون ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بەرگەن.