خىتاي ھۆكۈمىتى بەشبالىق قەدىمىي خارابىسىنى 'ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى' ئورنىغا ئايلاندۇرماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بەشبالىق قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ساياھەت باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بۇنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى كۈچەيتىش قەدەملىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.

خىتاي خەلق تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىي مىراسلار ئىدارىسى مەبلەغ سالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش 2010 ‏- يىلى باشلىنىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى نام شەرىپنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئارخېئولوگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشلارنى قەشقەر، ئاقسۇ ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ قەستەن كېڭەيتىپ ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ جايلارنى مەخسۇس ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلارغا ئايلاندۇرغان.

تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىمىسار ناھىيىسىگە جايلاشقان بەشبالىق شەھىرى، ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مۇھىم مەدەنىيەت، سودا ۋە سىياسەت مەركىزى بولغان.