بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دۆلەت بايرىمىنى قوغداش ئۈچۈن 800 مىڭ ئادەمگە پۇل تارقاتتى
'بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ 800 مىڭ ئادەم دۆلەت بايرىمىنى قوغداش دېگەن نام ئاستىدا، ئۈستىگە 'پىدائىلار' دېگەن خەت بېسىلغان سېرىق جىلىتكە كېيىپ، بېلىكىگە قىزىل يەڭلىك تاقاپ، بېشىغا قىزىل پوسما كېيىپ كوچىلاردا ۋە مەھەللىلەر ئارا گۈزەت قىلىشقا باشلايدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق يېڭى ئىش تاپقان، كۆپىنچىسى يېشى 50 تىن ئاشقان دەم ئېلىشقا چىققانلار. بۇ كىشىلەر ئۈچۈن 40 مىليون يۇەن پۇل ئاجراتقان ۋە 6 مىليون يۇەن سەرپ قىلىپ، ئۈلارغا ھايات سۇغۇرتىسى، زەخمىلىنىش سوغۇرتىسى ئېلىپ بەرگەن.