خىتاينىڭ كۆپلىگەن شىركەتلىرى خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىنى ياساشقا قىزىقماقتا

قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆمۈربېك بابانوۋ نۆۋەتتە كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قەشقەردىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنى قۇرۇش ئىشىنى زىممىسىگە ئېلىشقا قىزىقماقتا ئىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ "ئاكپرېسس" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇ سۆزنى خىتاينىڭ" سىنىھىدرو" شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى فانجىخان بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ئېيتقان بولۇپ، بىشكەكنى زىيارەت قىلغان خىتاي "سىنىھودرو" شىركىتىنىڭ خوجايىنى ۋە باشقا خىتاي ۋەكىللىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمەت سارىيىدا كۈتۈۋېلىنغان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىنى قۇرۇش ۋە ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە سۆھبەتلەشكەندە خىتاي تەرەپ مەزكۇر ساھەلەر بويىچە قىرغىزىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

"سىنوھىدرو" شىركىتىنىڭ خىزمەت دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تېخنىكىسىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر خىتايدىكى چوڭ تۆمۈر يوللاردىن بېيجىڭ - شاڭخەي تېز پويىز يولىنى قۇرۇش ئىشىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يەن، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ يىشەن، خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان. ئاساسىي تېما خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش مەسىلىسىگە قارىتىلغاندەك قىلىدۇ.

بۇ تۆمۈر يول قەشقەردىن باشلىنىپ، تورغات ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، فەرغانە تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ قارا سۇ ناھىيىسىدە ئاخىرلىشىدىكەن. مەزكۇر تۆمۈر ئۆزبېك - قىرغىز چېگرا شەھەرچىسى قاراسۇدىن ئوش شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئارقىدىن ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى تۆمۈر يول بىلەن قوشۇلىدىكەن. قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى يولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 268 كىلومېتىر بولىدىكەن. تۆمۈر يولنىڭ قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى قىسىمىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن.