خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ بىر ياردەمچىسى ئامېرىكىغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان

خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ بىر ياردەمچىسى ئامېرىكىغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مەخپىي قولغا ئېلىنغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەزكۇر مەسىلە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنە كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ۋەقەنى مەخپىي تۇتقان. خەۋەردە مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا جاسۇسلۇق قىلىپ قولغا ئېلىنغان ياردەمچىسىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ياردەمچىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىگە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە دائىر نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار 3 ئۇچۇر مەنبەسى مەزكۇر مىنىستىر ياردەمچىسىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنى «سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلىگەن» لىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ يىل 1‏-ئايدىن 3‏-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم بىر كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر ياردەمچىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى خىتايغا «زور بۇزغۇنچىلىق سالغان.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ چياڭشېڭنىڭ 1985‏-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىش ۋەقەسىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر جاسۇسلۇق سەتچىلىكلىرىدىن بىرى ئىكەن. يۈ چياڭشېڭ ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئىرقىدىن بولغان بىر ئانالىزچىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. پاش قىلىنغان مەزكۇر خىتاي جاسۇسى ئەينى چاغدا پېنسىيىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۇ تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.