خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بۇرھان شەھىدى سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە مەدھىيىلەنگەن. بۇرھان شەھىدى 1894 - يىلى يىلى رۇسىيىدە تۇغۇلغان، 1989 - يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئاز كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىدا، ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا يۇقىرى مەنسەپ بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەن.
بۇرھان شەھىدى رۇسچە - ئۇيغۇرچە - خىتايچە بولۇپ 3 تىللىق لۇغەتنىڭ ئاپتورى بولۇشى بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ 50 يىلى ناملىق كومپارتىيە تەستىقىدىكى تارىخي كىتابنىڭ ئاپتورى. بۇرھان شەھىدى 1949 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىدىن خىتاي كومپارتىيىسگە ئۆتۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغىنى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشكەن.
ئەمما بۇرھان شەھىدىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى ئورنى ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقى تېخى باھا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. بۇرھان شەھىدى ۋاپاتىنىڭ 20 يىلدىن كېيىن، يەنى ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خاتىرىلىنىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كادىرلارنى بۇرھان شەھىدىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىشى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بىر نۇقتىدۇر.