مەركىزى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى بۇ ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارمىيىسىدە چىرىكلىكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا خىتاينىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئىچكى ئەھۋاللارنى قەتئىي يوشۇرۇشتەك سىياسىي ئەنئەنىسى سەۋەب بولغان.
چىرىكلىك نۆۋەتتە خىتايدىكى ھەر قاتلام، ھەر ساھەدە مەۋجۇت ئەڭ مۇھىم مەسىلە. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىگە بولغان نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى لىدىرى شىن جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.
ئەمما يۇقىرىدىكى تەتقىقات ئورگىنى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىدە، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىنى مۇستەقىل نازارەت قىلىش، ئۇچۇرنى ئەركىن ئېلان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئاجىز ھالقىلاردىن ئىبارەت.