خىتاي ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن 739 مىڭ كىشىلىك تەرتىپ ساقلاش قوشۇنى تەشكىللىدى

بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلقى قۇرۇلتىيى يىغىنى 3-ئاينىڭ 3‏-كۈنى ۋە 4-كۈنلىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى 2902 رايوندا 739 مىڭ كىشىلىك تەرتىپ ساقلاش قوشۇنى تەشكىللەپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

ئۇلارغا، بىرمۇ نوپۇسنى قالدۇرماي تەكشۈرۈپ، ئىككى چوڭ يىغىن مۇھىتىنى مۇتلەق بىخەتەر قىلىش، ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىدىن ساقلىنىش كېرەك دەپ تەلەپ قويغان.

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئاۋات كوچىلاردىن سىرتقا ئۇچۇر يوللاش مەنئى قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى بازارلاردىن ۋە كوچىلاردىن سىرتقا ئۇچۇر يوللاش چەكلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى چاۋ لۇڭنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداش ئۈچۈن بېيجىڭدا، 17 مىليون تېلېفوننى نازارەت قىلالايدىغان «ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش پونكىتى» قۇرغان.