خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىردى

خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى كېلەر ھەپتە تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ، ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدىن ۋاز كەچمىسە، بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.02.12

ئامېرىكا پرېزىدېنت مەھكىمىسى‏ - ئاقساراي پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 18‏ - فېۋرال كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي جۈمە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى.

ما جاۋشۇي مۇنداق دېگەن: "بىز ئامېرىكا تەرەپنى تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ پەۋقۇلئاددە نازۇكلۇقىنى تونۇپ يېتىپ، تىبەتنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى ۋە تىبەت مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرىمىز." ماۋ جاۋشۇي يەنە، "خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ساقلىنىشنى، كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىش"نى تەلەپ قىلغان.

ما جاۋشۇي بايانات ئېلان قىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبېرت گىببس پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ، "يۈز تۇرانە ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.