لودى گيارى، كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشسا، سۆھبەتنىڭ ئىستىقبالى 11 - ئايدىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، قۇرۇلتاينىڭ سۆھبەتنى توختىتىش قارارى چىقىرىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى 10 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭدا دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. لودى گيارىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەت دالاي لامانىڭ شەخسى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتنىڭ ئاپتونومىيىلىك ئورنىنى مۇزاكىرە قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ تىبەتلەرنىڭ يىغىندا ئۆز پىلانىنى تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى، لېكىن بۇ سۆھبەت مەزمۇنىغا كىرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لودى گيارى، ئەگەر خىتاي كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبەت نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە 11 - ئايدىكى قۇرۇلتاينىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى، ئەگەر قۇرۇلتاي سۆھبەتنى توختىتىش قارارى چىقارسا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دالاي لامانى "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خىتاي دۆلەت كابىنتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان " تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش" توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا دالاي لامانى تىبەتتە قۇللۇق تۈزۈمنى تىرىلدۈرمەكچى، دەپ ئەيىبلىگەن.