ئەمما بۈگۈن گاۋ جېشىڭنىڭ ئايالى مەتبۇئاتلارغا ئۆزىنىڭ يولدىشى بىلەن ھازىرغىچە ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ سۆزىدە، مېنى خىتاي دائىرىلىرى يولدۇشۇم بىلەن بىۋاستە سۆزلەشكىلى قويمىغۇچە، مەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، دېدى.
گاۋ جىشېڭ ئىلگىرى خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىيان دىنىي جەمئىيەتلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 2007 - يىلى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، قاتتىق قىيناشقا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
گاۋ جىشېڭ يەنە 2006 - يىلى چەتئەل تور بەتلىرىدە 9 پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، "ئاغدۇرمىچىلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدا شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئۆيىدىن غايىپ بولغان.