توكيو ئايرودرومىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى فېڭ جېڭخۇ يۇرتىغا قايتتى

خىتاي، ئۈچ ئايدىن بۇيان ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىدا يېتىپ - قوپۇپ يۇرتىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى فېڭ جېڭخۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە فېڭ جېڭخۇنىڭ جۈمە كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. فېڭ جېڭخۇ 2009 ‏ - يىلى 11 ‏- ئايدا يۇرتىغا قايتماقچى بولۇپ، شاڭخەي تاموژنىسىدىن خىتايغا كىرمەكچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ياپونىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.

بۇ جەرياندا ئۇ 8 قېتىم يۇرتىغا قايتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە شاڭخەي ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن، يەنە بەزىدە ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايروپىلانغا چىقىشى رەت قىلىنغان. فېڭ جېڭخۇ شۇنىڭدىن بېرى ياپونىيە نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ يولۇچىلار زالىدا يېتىپ - قوپۇپ يۇرتىغا قايتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلانغان ئىدى. فېڭ جېڭخۇنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر فېڭ جېڭخۇنىڭ جۈمە كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.