ليۇ شياۋبونىڭ ئادۋوكاتى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ ليۇ شياۋبو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلماقچى

6 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي يازغۇچى ليۇ شياۋبونىڭ ئادۋوكاتى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ ليۇ شياۋبو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ئادۋوكات مو شاۋپىڭ ليۇ شياۋبونىڭ تۇتۇلغىنىغا 6 ئاي بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە "بولمىدى دېگەندە، ئۇلار باشقىچە ۋاسىتىلەرنى، يەنى رەسمىي تۇتۇش قارارى دېگەندەكلەرنى ئىشلىتىپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇنى قويۇپ بېرىشى كېرەك،" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادۋوكات مو شاۋپىڭ ليۇ شياۋبونىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللايدىكەن.

ليۇ شياۋبو خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى كۈزدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللانغان 2008 - نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغۇچى ھەم مەزكۇر نىزامنامىنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ 2008 - يىلى 8 - دېكابىردا ئويىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىدى.