كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قارىماقتا.
بېيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، ليۇ شاۋبونىڭ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ليۇ شاۋبونىڭ سوتى چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، تەپتىش ئەمەلدارى ليۇ شاۋبونى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش قەستىدىكى "ئېغىر جىنايەت" سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى، ليۇ شاۋبو خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتىنى قانۇنغا كىرگۈزگەندىن بېرى ئەڭ ئېغىر جازالانغان كىشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ليۇ شاۋبونىڭ دىلوسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ليۇ شاۋبونى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن شۇنداقلا سوتنىڭ قارارى "خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.