ئاخباراتتا، بىر تىنچ ئۆكتىچى زاتنى "باشقۇرۇش ئۇسۇلى " بىلەن نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش، جاۋابكاردا بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلىك ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ۋە ئادىلانە سوتلىنىش ھوقۇقىغا دائىر ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ، دەپ تەكىتلەنگەن ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شاۋبونى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپلا قالماي 2008نىزامنامىسىغا ئىمزا قويغان ئۆكتىچى زاتلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى زىيالىيلار يېقىندا 2008 نىزامنامىسى دەپ ئاتالغان ئاساسىي قانۇن چاقىرىقنامىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، خىتايدا فېدېراتسىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ليۇ شاۋبو 2008 نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنى قوزغىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى. ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئۇنى بېيجىڭ ئەتراپىدىكى مەلۇم بىر جايدا نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دائىرىلەرنىڭ ليۇ شاۋبونى قايسى جىنايەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلاردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلار 2008 نىزامنامە ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى " ئەكسىلئىنقىلابىي مۇنبەر" دەپ بېكىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلارغا "شەپقەتسىز" ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.