خىتاي دېموكراتلىرى ئامېرىكىدا ئىشلىگەن 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' ناملىق د ۋ د فىلىمى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلماقتا

چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' نىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا، ۋەقە يۈز بەرگەندىكى نەخ مەيداندىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى توپلاپ، ئامېرىكىدا بىر د ۋ د فىلىم ئىشلەپ چىقتى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ فىلىم ئەينى ۋاقىتتىكى جاۋزىياڭنىڭ مەسلىھەتچىسى، كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەن چېن يىزى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشلەنگەن. بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن خۇياۋباڭ، جاۋزىياڭلارنى خاتىرىلەش فوند جەمئىيىتى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان. بۇ فىلىمنىڭ 40 مىنۇتلۇق قىسقارتىلغان نۇسخىسى 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، فىلىمنىڭ 2 سائەتلىك تۇلۇق نۇسخىسى يىل ئاخىرىغىچە ئىشلىنىپ بولىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، بېيجىڭدە 19 نەپەر مۇتەخەسسىس، زىيالى ۋە ئادۋىكاتنىڭ باشلامچىلىقىدا، بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ يىغىندا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ بوشۇ ئەپەندى مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىش. بۇ پارتىيە ئۆزىنىڭ مۇشۇ سىياسىتى بىلەن خەلقنى، چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلاپ ئېزىپ، ئەدىۋىنى بېرىپ كەلمەكتە. گەرچە كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىتى ئارقىلىق زور نەتىجە قازانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يىگىرمە يىلدىن بۇيان 'تۆتىنجى ئىيون ۋەقەسى' نى خەلقنىڭ ئەس-خاتىرىسىدىن يوقىتالمىدى. ئەمدى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشنى توختۇتىشى لازم. ئەمەلىيەتتە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھاتقا توسقۇن بولماقتا' دەپ كۈرسەتكەن ئىدى.